Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل ئىبازىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىبازىيە دېيىلگەن. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق داھىيىسى ئابدۇللا ئىبنى ئىبازنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ مەزھەپنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى خاۋاىجلارنىڭكى بىلەن يېقىنلىشىپ كەتكەنلىتىن. ئىسلام تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن خاۋارىجلارنىڭ تارمىقى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، بۇ مەزھەپ مۇنداق دېيىشنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۆزىنى <ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار جامائىتى>، <مۇسۇلمان كەسىپداشلار> دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەزھەپ ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە (644 - 656) شەكىللىنىشكە باشلىغان. ھەزرىتى ئوسمان ئۆز جەمەتى بولغان ئۇمەييەلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ئۇلارغا جايلارنڭ ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقىنى تۇتقۇزغان، يەر كېسىپ بەرگەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈندىن - كۈنگە دىندىن خالىيلاشتۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي تەرغىباتىغا ۋە مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى جەمەتىدىن بولمىغان ساھابىلارنى چەتكە قاققان. شۇنىڭ بىلەن دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆكتىچلەر شەكىللەنگەن. ئومانلىق جابىر بىننى زەيد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تابىئىتىنى (ئىككىنچى ئەۋلاد ھەدىس رىۋايەتچىسى) بولۇپ، بەسرە شەھىرىدە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە دىنىي تەرغىبات ھەققىدە دەرس ئۆتۈشكە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. ئۇ ھەزرىتى ئوسماننىڭ يېقىنلىرىنى ئىشقا قويىدىغان سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، غەيرىي قۇرەيشلەردىن چىققان ساھابىلارنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولىدىغانلىقىنى، غەنىمەتنى ئادىل تەقسىم قىلىشنى، خىزمەت كۆرسەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تەشكىلات قۇرۇپ، كېيىن ئەل ئىبازىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جابىر بىننى زەيد خەلىپىنىڭ مىراس قېلىش تۈزۈمىگە ۋە دەھرىلىككە قارشى تۇرۇپ، بەسرەنىڭ ۋالىسى ھەججاج تەرىپىدىن ئومانغا سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن. جابىر بىننى زەيدنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئابدۇللا بىننى ئىباز، ئەبۇ ئۇبەيد مۇسلىم، ئەبۇ نۇھ، دېمام بىننى سايىب ۋە رەبىئۇل بىننى ھەبىب قاتارلىق كىشىلەر بەسرە ۋە ئومان قاتارلىق جايلاردا ئۇستازنىڭ تەشەببۇسىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلغان ۋە قوغدىغان. ئۇمەييەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇقىنى ئىنكار قىلغان. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەزى قەبىلىلەر ئۇلارغا بويسۇنغان. ئىباز ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ قەتئىي بولغاچقا، بەسرە ۋە ئوماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ مەزھەپنىڭ مەشھۇر داھىيىسى بولۇپ قالغان. شۇڭا ئىبازغا ئەگەشكەنلەر ئەل ئىبازىيە دەپ ئاتالغان.
ئەل ئىبازىيە ئۇمەۋىيە ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدا كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭلار ئىچىدە ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى ئابدۇللا بىننى يەھيا رەھبەرلىك قىلغان 747 - يىلىدىكى قوزغىلاڭ ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەزھەپ ئىچىدە بۆلۈنۈش بولدى. 751 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئومان، يەمەن ۋە مەغرىبتىن ئىبارەت ئۈچ رايوندا بىر - بىرىگە قارىمايدىغان ئۈچ ئىمام بىر ۋاقىتتا تىكلىنىپ، ھەر قايسىسى شۇ جايلاردىكى دىنىي تەبلىغات پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلدى. ئىبازىيەنىڭ دائىسى ئابدۇللا رەھمان 761 - يىلى شىمالىي ئافرىقىدا رۇستوم سۇلالىسىنى قۇردى. بۇ سۇلالە 140 نەچچە يىل داۋاملىشىپ، بەربەرلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. كېيىن شىئە مەزھىپىدىكى فاتىمىيەلەر تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ئىبازىيە سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوراللىق كۈرەشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، پائالىيەت مەركىزىنى ئىسلام تارىخى ۋە ئىلمىي فىقھە تەتقىقاتىغا، ئىسلام ئىدىيە مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا قارىتىپ، سۈننىي مەزھىپىگە يېقىنلاشتى. ئومان ئىبازىيەنىڭ پائالىيەت مەركىزى قىلىنىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئۆلىمالار يېتىشتۈرۈلدى. بۇ مەزھەپنىڭ تەلىماتى يەمەنگە، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شىمالىي ئافرىقىغا ۋە شەرقىي ئافرىقىدىكى زانگىبار قاتارلىق رايونلارغا تارقالدى. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئوماندا ئىبازىيە ئەقىدىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. ئوماننىڭ بۈگۈنكى ھۆكۈمران جەمەتى ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار بۇ مەزھەپنى ھۆرمەتلەيدۇ.
بۇ مەزھەپ سىياسىي جەھەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەرلەر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دەۋرنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئېسىل دەۋرى ھېسابلايدۇ. مۇشۇ دەۋردىكى ساددا - پاك خىسلەتنى ۋە ئەنئەنىۋى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن جارى قىلدۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. دەپ قارايدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ سىففىن ئۇرۇشى داۋامىدا مۇئاۋىيە ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشىغا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى. ئۇمەۋىيە ۋە ئابباسىيلار سۇلالىلىرىدىكى زور كۆپ سانلىق ھۆكۈمرانلارنىمۇ ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسنى تۇتتى. ئۇلارنى ئېتىقاد ۋە شەخسىي پەزىلەتتە مۇسۇلمانلارغا داھىي بولۇش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپ داھىيلىقنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈممەسى ئۆزىنىڭ داھىيسىنى ئاشكارا سايلاش كېرەكلىكىنى، سايلانغۇچىنىڭ چوقۇم قۇرەيش كېرەكلىكىنى، سايلانغۇچىنىڭ چوقۇم قۇرەيش كېرەكلىكىنى، سايلانغۇچىنىڭ چوقۇم قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولۇشى ناتايىنلىقىنى؛ تەقۋادار ھەر قانداق مۇسۇلمان ئادالەتتە چىڭ تۇرالىسا ھەمدە جامائەت ئېتىراپ قىلغان قابىلىيەتكە ئىگە بولسا، داھىي بولۇپ سايلىنىش لاياقىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى؛ داھىي ئادالەتتە چىڭ تۇرالمىسا، ئەل قەلبىدىن ئايرىلىپ قالسا ياكى شۇ ئادەم <ھەق يولدىن يۈز ئۆرىسە>، <ھارامنى كۆپ يېسە> مۇسۇلمانلار ئۇنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇۋېتىش، ھەتتا شەرىئەتكە ئاساسەن سوراققا تارتىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. داھىي (خەلىپە ياكى ئىمام) نىڭ ۋەزىپىسى ئاللانىڭ ئەمرىگە سادىق بولۇش، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى قوغداشتىن ئىبارەت. ھەر قانداق داھىي، جۈملىدىن جابىر بىننى زەيد ۋە ئابدۇللا بىننى ئىبازمۇ شەرىئەت بەلگىلىگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن باراۋەر بولىدۇ، دەپ قارىدى.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، بەش پەرز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى، ئىماننىڭ تىلدا ئىپادىلەش، دىلدا قەتئى ئىشىنىش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىماننى تىل بىلەن ئىپادىلىگەندە شەخسنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە قوغدىلىدۇ. دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلغاندا پاك دىنلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئىخلاس ئارقىلىق يەتكەن ئىمان چىن ئىمان بولىدۇ. بۇنداق ئىماننى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، سۇسلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى. <ھېچقانداق زاتنى ئۇنىڭغا (ئاللاغا) ئوخشىتىشقا بولمايدۇ> غانلىقى توغرىسىدىكى ۋەھىيگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى، ئاللا زاتنىڭ مەۋجۇدتلۇقىغا ۋە ئاللانىڭ ھەر خىل قىلمىش ۋە پەزىلەتلىرىگە قەتئىي ئىشىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر مەنىسى بويىچە ئاللانىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا قارشى تۇردى. ئايەتلەردە ئىپادىلەنگەن ئاللانىڭ سېزىمى، تەپەككۇرى ۋە قۇلى، يۈزى بار دېگەندەك ئادەمگە ئوخشىتىلغان سۆزلەرنى <ئاللانىڭ > مۇكەممەللىكىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ< دېگەن مەنىدە چۈشەندۈردى. مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن، ياكى ئۇ دۇنيادا بولسۇن، ئىنساننىڭ ئاللانى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.
خاۋارىجلارنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلمايدىغان مۇسۇلمانلارغا رەھىمسىزلىك قىلىش ۋە مۇشرىكلارغا ئالاھىدە كەڭ قورساق بولۇشنى مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلە قىلىشىدىن پەرقلەنمەيدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
فىقھە جەھەتتە جابىر بىننى زەيدنىڭ فىقھە تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىپ، >قۇرئان كەرىم< نى ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەرنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپ ئىمام رابىئۇل بىننى ھەبىبنىڭ >ھەدىسلەر توپلىمى< غا ھۆرمەت قىلدى. باشقا مەزھەپلەرنىڭ ھەدىسلىرى ئىچىدىكى ئىشەنچلىك ھەدىسلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، >قۇرئان كەرىم< ۋە ھەدىستىن باشقا، >ئىجمائ< (ساھابىلار ياكى مەلۇم دەۋردىكى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى) ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە >ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش< نى تەتبىق قىلىپ ئەھكام چىقىرىشنى ھەمدە >قىياس< ۋە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ >ساۋاب ئەلا<، مالىكنىڭ >ئىستىسلاھ< قاتارلىق پرىنسىپلىرى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش كاتېگورىيىسى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. فىقھە تەشەببۇسىدا ھەنەفىيە ئېقىمى بىلەن يېقىنلاشتى، دىنىي ئېتىكا جەھەتتە، >قۇرئان كەرىم< ۋە ھەدىستە بەلگىلەنگەن ھەممە ئەخلاق قائىدىلىرىنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇش، يامانلىق قىلىشتىن توسۇشنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتى قىلدى ھەم كىشىلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن يېقىن، ئىناق ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئىبازىيە ئاساسەن ئومان ۋە ئافرىقىدىكى زانزىبار قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان.