Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەلى پاشا تېپلېنا
دۇنيا تارىخى
(1793 - 1822) ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ پاشا رايونى جانىنانىڭ ھۆكۈمرانى. ياش ۋاقتدا ئالبانىيە ۋە تېسسالىيەدە 20 يىل بۇلاڭچىلىق قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى فېئوداللارنىڭ ماجىراسىدا تۈركىيە سۇلتانىغا بېقىنغان. 1785-يىلى پاشا ئۇنۋانىغا ۋە دېلۋىنانىڭ مۇتەسساررىف (ئەمەلدار) لىق مەنسىپىگە ئىگە بولغان. بىر يىلدىن كېيىن ترىكالىيەنىڭ مۇتەسساررىفلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1788-يىلى جانىنانى ئىگىلىۋېلىپ، ئارمىيە قۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن روسىيە، ئاۋستىريە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيىتىنى ئالبانىيە ۋە گرېتسىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىغىچە كېڭەيتكەن. ناپولېئون ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەنە دىپلوماتىك ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ، ئىشغالىيەت رايونلىرىنى كېڭەيتكەن. 1812-يىلى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ ئاھالىسى بىر يېرىم مىليون كىشىگە يەتكەن بولۇپ، سودا تەرەققىي قىلغان. جەمئىيەت تىنچلانغان، لېكىن يەر ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. 1815-يىلدىكى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى تۈركىيە سۇلتانى تەرىپىدىن ئاجىزلىتىلىپ، 1829-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئۆلتۈرۈلگەن.