Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل ۋىقايە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەنەفىيە ئىلمى ئېقىمىنىڭ فىقھە كىتابى بولۇپ، بۇ كىتابنى 14 -ئەسىردىكى بۇرھان شەرىئەت مەھمۇد تۈزگەن. <ئەل ھىدايە فىل فۇرۇئ> نى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشكە دائىر ئاساسىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنى <ئەل ۋىقايە ئىزاھاتى> بىلەن بىللە ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى <مۇختەسەر ۋىقايە> دېيىلىدۇ. بۇمۇ ھەنەفىيە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ ئىشلىتىدىغان فىقھە كىتابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب پاكىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. جۇڭگونىڭ مەدرىسە تەربىيىسىدە زۆرۈر دەرسلىكلەرنىڭ بىرى قىلىنغان. ۋاڭ جىڭزەي تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى 1931 - يىلى تيەنجىندە نەشر قىلىندى. ما سايبېي رەتلىگەن يېڭى نۇسخىسى تيەنجىن قەدىمى كىتابلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986 - يىلى نەشر قىلىندى.