Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەلىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرپ ا نىڭ نامى:
ئوق، نەيزە؛ ھايات ۋاستىسى.
ئەبجەد ھېسابىدا بىر.
1. كى مىژگان ئوقىنى قاش ياسىدىن ئول ماھ رۇخسار،
ئەلىف ئىرمەس ئوقىدۇر جان ئىچىندە جانغە ئاتغاندۇر.
ئەرشى.
4.ئەلىف ئىردى قەدىم، ئەي شاھى خۇبان، ئەمدى نۇن يەڭلىغ،
سىتەمگەربى مۇرۇۋۋەت كۆرمەدىم دۇنيابى دۇن يەڭلىغ.
زەلىلى.
كۆچمە م: تىك شەكىل، تىك قامەت.
كۆچمە م: كىشىنىڭ بەدىنىگە چېكىلگەن خال داغ نىڭ تىك تۇرغاندىكى شەكلى.
ئاھ، نالە، ئىز، نىشانە؛ ئەكس.