Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچىكمەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تەۋە بولماق، قارىماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى كۆرۈشۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق بېرىلمەك.
ئېجىللارنىڭ گەپ تالاشقىنى - تۇرمۇشنىڭ كېچىككىنە قىستۇرمىسى. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. ئوماق بالىغا ھەركىم ئىچىكىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەممەيلەنگە ئېچىكىپ كەتتىم.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئامراق بولۇپ كەتمەك، ئېجىل بولۇپ كەتمەك (بەزى جايلاردا « ئىچەكەشمەك» دېيىلىدۇ).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كىرمەك، داخىل بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مېھرى چۈشمەك، ئېجىل بولماق، ئامراق بولماق، يېقىن بولماق.
ئۇ بۇ يىل 19 غا توشۇپ ئاشتى، چوڭ بولغانسېرى ماڭا ئىچىكىپ كېتىۋاتىدۇ.