Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچى قىزىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەك.
ھەسەت قىلىش ياخشى نىيەتتىن بولسا، ئۇ - مۇسابىقە پەرىسىدۇر. كۈندەشلىك قىلىشنىڭ ئورنى بولسا بىر گەپ، ئورۇنسىز بولسا، بۇ بىر گەپ. بېخىل ئۆز مېلىدىن ئۆزى قىزغىنار. پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ. ئىچىڭ قىزىسا مۇز يالا. ئىچى ئادىغاننىڭ ئىچىدىن قان كېلەر. ئىچىگە ئوت كەتسۇن دەپ چىقتىم تالاغا، ئۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئوت كەتتى شۇئان، ئەمدى قالدىم بالاغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا قىزىقىپ، ئېرىشمەكچى بولماق.
كۈچۈكنىڭ بەختىگە مۈشۈكنىڭ ئىچى كۆيىدۇ. ئىچىڭ قىزىسا، مۇز يالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىزغانماق، ھەسەت قىلماق.
- قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈپ ئىچىم قىزىدى، - دېدى زۆھرە.