Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىچىگە ئۇرۇپ كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆڭلىدە غەش پەيدا بولماق، بىئاراملىق ھېس قىلماق؛ ئىچىگە ئەپ كەتمەك، بىئاراملىق ھېس قىلىپ تۈگىشىپ كەتمەك.
بوۋام ئاشۇ ناھەقچىلىق، روھىي زەربە تۈپەيلى ئىچىگە ئۇرۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.
كېسەل بولغانلىقى ياكى ئېغىر ئىشلىتىلىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى جۈدەپ، ئۇرۇقلاپ ھەم ئاجىزلاپ قالماق، تۈگىشىپ كەتمەك (ئات، ئېشەك قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئېشەك ياخشى بېقىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئېغىر ئىشلىتىلىپ ئىچىگە ئۇرۇپ كەتتى.