Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتلاس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر شارىنىڭ قەغەز، تاختا قاتارلىق تەكشى نەرسىلەرگە سىزىلغان تەسۋىرى. ئايرىم مەملىكەت، رايوننىڭمۇ خەرىتىسى بولىدۇ.
« ئاتلاس » خەرىتىلەر مەجمۇئەسى.
« گلوبۇس » مەخسۇس يەر شارى شەكلىدە ياسالغان.
دۇنيا خەرىتىسى؛ جۇڭگو خەرىتىسى؛ شىنجاڭ خەرىتىسى. دۇنيانىڭ تەبىئىي خەرىتىسى؛ شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي بۆلۈنۈش خەرىتىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش خەرىتىسى. ئەڭ بۇرۇنقى دۇنيا خەرىتىسى مىلادىدىن 600 يىل بۇرۇن بابىل _ ئاسۇرىيدە سىزىلغان. مەكتىپىمىزدىكى ئاتلاستىن تولۇق پايدىلىنىمىز. تۇرسۇن مۇئەللىم جۇغراپىيە دەرىسىدە چوڭ گلوبۇسنى ئۇنتۇماي سىنىپقا ئەكىرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى خۇدا. گىگانت تىتان ئىئاپېتوس بىلەن كلىمېنېنىڭ ئوغلى، پرومېتىنىڭ ئۇكىسى. ئۇ خۇدالارغا قارشى چىقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ غەربتىكى جاي (غەربىي شىمالىي ئافرىقا) غا پالىنىپ، بوينى ۋە ئىكى قولى ئارقىلىق ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش بىلەن جازالانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۈچ - قۇدرەت خۇداسى گىراكىل ئاتلاسنىڭ ئورنىدا ئاسمان گۈمبىزىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاتلاستىن ئۇنىڭ قىزلىرى گېسپېرىدالار باقىدىغان مۇقەددەس باغدىن ئۈچ تال ئالتۇن ئالما ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئارگوس ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان پېرىسوس ئايال سېھىرگەر مېدىيەنىڭ بېشىنى كەسكەندىن كېيىن، ئاتلاستىن ئۇنىڭ قىزلىرى باقىدىغان مۇقەددەس باغدا تۈنەپ كېتىشكە ياردەملىشىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئاتلاس ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ، پېرىسوس غەزەپلىنىپ «مېدىيىنىڭ بېشى» نى چىقىرىپتۇ (ئۇنىڭ تەلەتىگە ئۇدۇل قارىغان كىشى دەرھال تاشقا ئايلىنىپ كېتىدىكەن)، ئاتلاس بىر قاراپتىكەن، دەرھال چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ قاپتۇ؛ مانا بۇ ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئاتلاس تېغى نامىنىڭ كېلىشىدىكى ئەپسانە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەتلەس، يىپەك رەخت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بىرەر جاينىڭ ئالبوم ياكى كىتاب شەكلىدە تۈزۈلگەن مەمۇرىي ياكى جۇغراپىيىلىك خەرىتىسى.