Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئات كۈچى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئات كۈچى - مېخانىزملارنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى بولۇپ، ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. دەسلەپتە ئۇ پار ماشىنىسىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ھېسابلايدىغان ئۆلچەم بىرلىكى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئاتنىڭ بىر سېكۇنت ئىچىدە 75 كىلوگرام سۇنى بىر مېتر ئېگىزلىككە تارتىپ چىقىرالايدىغانلىقىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، كېيىن بارلىق مېخانىزملارنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بىر ئات كۈچى 75 KG .m/sek قا تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فىزىكا
ھەر سېكۇنتتا 75 كىلوگرام يۈكنى بىر مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىشقا تەڭ قۇۋۋەت بىرلىكى.