Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى
دائىرە: دۇنيا تارىخىمايمۇنسىمان ئادەمنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى. 1954-يىلى فرانسىيىنىڭ قەدىمكى جانلىقلار بىئولوگى ئارامبۇرگ ئالجىرىيىنىڭ تېرنىفېن دېگەن يېرىدىن مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ ئۈچ پارچە ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭىكى، بىر پارچە چوققا سۆڭىكى ۋە توققۇز تال چىشىدىن ئىبارەت تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى تاپقان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يوغان، ئېڭەك قىسمى ئارقا تەرىپىگە يىغىلغان، ئاستىنقى ئېڭىكى تۆۋەن ۋە كەڭ بولۇپ، ياۋا ئۆرە ماڭىدىغان مايمۇنسىمان ئادىمىگە ۋە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېنت ئاشېل دەۋرىدىكى پالتا قاتارلىق تاش قوراللارمۇ تېپىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.