Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («ئات Ⅱ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
ئىسىملىك، ناملىق، … دەپ ئاتىلىدىغان.
داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى تاتلىق، داۋانچېڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق (ناخشا).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات مىنگەن.
ئاتچان ئاتسىغا باقماپتۇ. ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرۈپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئات مىنگەن، ئاتچان، ئاتلىق ئادەم.
پىيادە، ياياق
ئات - ئۇلاغ، قاتناش قورالىسىز. پىيادە، ياياق ئادەم.
ئاتچان ئاتىسىغا باقماپتۇ. ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرمەك. پىيادىنىڭ ئېتى چورۇق، كۈچى ئوزۇق. قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە يۈر ئۆلگۈچە. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس. يىگىتنىڭ ياخشىسى پىيادە يۈرسىمۇ ئاتلىقتەك. ئاتلىق ئەپكەتكەننى پىيادە ياندۇرۇپ كېلەلمەمدۇ؟ ياياققا يانچۇقمۇ ئېغىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ.ئېتى بار، ئاتقا ئىگە.
مانا ھازىر ئۇ دۇلدۇلدەك ئىككى ئاتلىق بولۇپ قالدى.
سۈپ. ئات مىنگەن.
تۇيۇقسىز ياڭاق دەرىخى ئالدىدا ئۈچ ئاتلىق كىشى كۆرۈندى.
ئى. ئات مىنگەن كىشى.
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس (ماقال).
ئى. ئاتقا خاس خۇسۇسىيەت، ئاتقا خاس ئالاھىدىلىك.
ئاتنىڭ ئاتلىقى باردۇر، ناۋاتنىڭ تاتلىقى باردۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىسىملىك، ناملىق، ئىسىم ياكى نامغا ئىگە بولغان؛ … دەپ ئاتىلىدىغان.
داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى بەك تاتلىق، داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نامى بار، داڭقى بار.