Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاستا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆۋەن سۈرئەت؛ تېزنىڭ تەتۈرى.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئاستا يۈرگەن تاغ ئاشار. مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئارقىدىن يۈرسەڭمۇ يۈر، توختاپ قالما. سېكىن سۆز، سەلكىن شامال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۆۋەن سۈرئەت؛ بوش ھەرىكەت.
تېز، چاپسان، ئىتتىك ، ئىلدام
يۇقىرى سۈرئەت؛ قاتتىق ھەرىكەت.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئالدىرىماڭ ئاستا كېلەر، تېڭىرقىماڭ تاڭلا كېلەر. ئاقىرىن يۈرسەڭمۇ يۈر، توختاپ قالما. ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. ئىتتىك ماڭغان تېز چارچار. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدام سۇنىدۇ. مۇھەببەتنى بىلدۈرۈشتە كۆز سۆزدىن ئىتتىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
تۆۋەن سۈرئەت بىلەن؛ ئالدىرىماي.
سادىق مۇئەللىم سۆزىنى تۈگىتىپ مەن بىلەن خوشلىشىپ ئاستا ماڭغىنىچە ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى.
يەڭگىلگىنە، بىلىنەر - بىلىنمەس.
ئۇ قېيىن ئاستىغا يېتىپ، ئاستا كۈلۈپ قويدى.
ئېھتىيات قىلىپ؛ ئاۋايلاپ.
بىر سائەتتىن كېيىن، نۇرۇللا مۇختەر مەرگەننى ئاستا ئويغاتتى.
تاۋۇش چىقارماستىن، سەزدۈرمەستىن، بىلدۈرمەستىن.
ئاسىم، ئادەملەر ئارىسىدىن ئاستا چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
تەدرىجىي ھالدا، تەدرىجىي.
خاتىرە قابىلىيىتى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى تېز، ئۇنتۇلۇشى ئاستا بولىدۇ.
تۆۋەن ئاۋاز بىلەن.
رۇستەم ئۆيىگە كىرىپ، نۇرۇللارنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى.