Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاستانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بوسۇغا.
ساراي.
بىرەر كىشىنىڭ ھۇزۇرى:
بىر نەزەر كۆرۈپ ئاشىق جانبېرۇرنى مىننەت تۇت،
ئاستەنەئى مەئشۇقى ياستانونى نىيەت تۇت.
زەلىلى.
پايتەخت.
ئوردا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر يەرگە كىرىشتىكى بېسىپ ئۆتىدىغان جاي، ئورۇن؛ بوسۇغا.
سېرىق يۈزۈمنى ئاستانەڭگە قويماقتىن مۇراىم شۇ، بولاي دەيمەن گۈزەل بوينۇڭغا سالغان كەھرىۋايىڭمەن.
پايتەخت.
گەرچە ئايرىپ تۇرسىمۇ ئارىمىزنى تاغ - دەريا، ئاستانىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى.
ئۆي، دەرگاھ، قارارگاھ.
جاھانغا كۆز ئېچىپ سەندە تۇغۇلدۇم، بۇ مېنىڭ بەختىم، تېپىلماس مەن ئۈچۈن سەندەك ھايات ئاستانىسى يەكەن.
تۇرپاندىكى ۋە يەنە قۇمۇلدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى.