Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسايىشلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مول، كەڭتاشا ھالەت.
نەدە ئىناقلىق بولمىسا، شۇ يەردە پاراۋانلىق بولماس. دوستلىرىڭ كۆپىيەر پاراۋانلىقتا، ئۇلارنى ساناپ باق ناتىۋانلىقتا. باياشاتلىق ئىرادەڭنى بوشاشتۇرمىسۇن. ئاسايىشلىقتىن ئامانلىق ئەلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممە جەھەتتىن كەڭ - تاشالىق.
غۇربەتچىلىك، مۇھتاجلىق، ناتىۋانلىق
ھەممە جەھەتتىن قىيىنچىلىق.
نەدە ئىناقلىق بولسا، شۇ يەردە پاراۋانلىق بار. دوستلىرىڭ كۆپىيەر پاراۋانلىقتا، ئۇلارنى ساناپ باق ناتىۋانلىقتا. مۇشەققەت باياشاتلىققا تۇتىشار. ئاسايىشلىقتىن ئامانلىق ئەلا. غۇربەتچىلىك مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. مۇھتاجلىق مىڭ ھۈنەرنىڭ ئانىسى. ناتىۋانلىق ئىرادىنى تاۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. تەشۋىش - ئەندىشە، ئۇرۇش - جېدەلدىن خالىي تۇرمۇش، خاتىرجەملىك، ئامانلىق.
تابان ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپتۇ. خەلق ئاسايىشلىقتا ئۆتۈپتۇ.
سۈپ. ئۇرۇش - تالاش، جەڭگى - جېدەلدىن، غوۋغا - تەشۋىشتىن خالىي بولغان، تىنچ، خاتىرجەم.
- كۈن چىقىدۇ، قىسمەتئاخۇن، ئاخىر ئاسايىشلىق كۈنلەر. ئارمان قىلغان كۈنلەر كېلىدۇ، - دېدى ئانا.