Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاساۋ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
شاش، كۆندۈرۈلمىگەن ئات.
مىنسەڭ ئەي شاھى فەلەك مەركەبىنى كۈن يەڭلىغ،
بولما مەغرۇر گاھى ئول ئەشھەب ئېرۇر ئەسرۇ ئاساۋ.
مۇنىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆندۈرۈلمىگەن شوخ ئات.
«شاي» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاشاڭغا مىنگۈچە، شاشتىن يىقىل. توسۇن ئاتنى تويدا مىنمە. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆندۈرۈلمىگەن (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
كۆنۈك، ياۋاش ، قاشاڭ
كۆندۈرۈلگەن، تېخى يەنە تېز يۈرمەيدىغان (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
ئۆكۈز بىلەن شاش توشقانغا يېتىمەن دېمە. ياۋاش ئاتقا مىنىپ يېقۇلغۇچە، شاش ئاتقا مىنىپ يېقىل. توسۇن ئاتقا قاۋۇل ھارۋىكەش لازىم. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر. شاش ئات يىگىتنى گۆرگە تىقىپ توختايدۇ. كۆنۈك ئاتنىڭ كۈنى تەس. ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنى ئېمىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بويسۇندۇرۇلمىغان، ئادەمگە ئۆگەنمىگەن، شاش.
بۇ يىلقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاساۋ بولغاچقا، تاغقا كېلە - كەلمەي تەرەپ - تەرەپكە تارقاپ كېتىپتۇ.