Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسسىمىلياتسىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>بىئول< ئۆسۈملۈك ياكى جانلىق ئورگانىزم پائالىيىتى جەريانىدا سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ماددىلارنىڭ ئۆزلىشىشى، سىڭىشى، ھەزىم بولۇشى، ئۆزلەشتۈرۈلۈشى، سىڭدۈرۈلۈشى.
بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى بىر مىللەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر بولۇپ كېتىشى.
>تىل< تىلدا ئوخشىمايدىغان، ئەمما ئۆزئارا يېقىن ئىككى تاۋۇشنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە، بىرىنچىسى ئىككىنچىسىگە ياكى ئىككىنچىسى بىرىنچىسىگە ئوخشاپ كېتىشى. مەسىلەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى >تۇزسىز< سۆزىنىڭ >تۇسسىز<، >ئاتسا< سۆزىنىڭ >ئاسسا< تەلەپپۇز قىلىنىشىغا ئوخشاش.