Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسسىدىيە
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاسسىدىيە دېڭىز غىلاپلىق ھايۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى خۇددى ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دېڭىز - ئوكيانلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش بەلۋېغىدىن تاكى بىرقانچە مىڭ مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر دېڭىزغىچە ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن كېمە - پاراخوتلارنىڭ تېگى قىسمىغا يېپىشىۋالىدۇ، سانىمۇ ناھايىتى كۆپ . شۇنىڭ ئۈچۈن كېمە - پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتىگە دەخلى قىلىپ، ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ يەنە سۇ ئاستى تۇرۇبىلىرىغا يېپىشىۋېلىپ، تۇرۇبا يولىنى توسۇۋېلىپ، سۇنىڭ راۋان ئېقىشىغا دەخلى قىلىپ زىيان سالىدۇ. ئاسسىدىيەنىڭ گۆدەك تېنىنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا خوردىسى بولىدۇ، خوردا يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئاسسىدىيە بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن خوردىلىق ھايۋانلار قاتارىغا كىرگەن. ئاسسىدىيە ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى، خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئاسسىدىيەنىڭ بەزىلىرىنىڭ شەكلى پىدىگەنگە، بەزىلىرى گۈلگە ئوخشايدۇ، تاشقى كۆرۈنۈشى چەينەككە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئاسسىدىيەگە قول تەگكۈزۈپ قويسا سۇ چىقىرىش ئېغىزىدىن كۈچلۈك سۇ ئېقىمىنى پۈركۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئەسلىدىكى تىك ھالىتىدىن بوشاپ كېتىپ يېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
ئاسسىدىيە تۇراقلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، تېنىنىڭ سىرتىنى بىر قەۋەت ئۆسۈملۈكنىڭ سېللۇلوزىسىغا ئوخشاش خالتىلىق غىلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېنى قوغدىلىدۇ ۋە بەلگىلىك شەكلىنى ساقلايدۇ. بۇ، ھايۋانات دۇنياسىدا كۆرۈلىدىغان بىردىنبىر ھادىسە بولۇپ، دېڭىز غىلاپلىق ھايۋىنى دېگەن ئىسىممۇ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قويۇلغان. ئۇ سۇ تۆشۈكى ئارقىلىق سىرتتىن سۇ قوبۇل قىلىش، تېنىدىكى سۇنى چىقىرىۋېتىش جەريانىدا ژابراسى بىلەن سۇدىن ئوكسىگېن قوبۇل قىلىدۇ، ئۈچەي يولىدا سۇدىكى ئۇششاق جانلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.
بەزى ئاسسىدىيەلەر كۆپىيىش ۋاقتىدا تېنىدىن بىر بىخ تەنچە ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىخ تەنچە ئۈزلۈكسىز چوڭايغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ يېڭى بىر ئىندىۋىد بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇ ئاسسىدىيەنىڭ بىخ چىقىرىپ كۆپىيىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئاسسىدىيە جىنسلىق كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاسسىدىيەنىڭ ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تەندە بولىدۇ. لېكىن، تۇخۇمى بىلەن ئىسپېرمىسى بىرلا ۋاقىتتا يېتىلمىگەچكە ئۆز تېنىدىن ئۇرۇقلىنىش ئومۇمەن يۈز بەرمەيدۇ، پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان ئىندىۋىدلار ئارا جۈپلىشىپ كۆپىيىدۇ.
يېڭى يېتىلگەن ئاسسىدىيە كىچىك قۇمچاققا ناھايىتى ئوخشايدۇ، كۆزى ۋە بېشى بولىدۇ، قۇيرۇقى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، مەركىزىدە بىر خوردىسى بولىدۇ، خوردىسىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە تاكى تېنىنىڭ ئالدى ئۇچىغا تۇتىشىدىغان نېرۋا نەيچىسى بولىدۇ، يۇتقۇلۇق قىسمىدا جۈپ - جۈپ ژابرا (ساقاق) يېرىقچىلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئاسسىدىيە دېڭىزدا ئۆزى بەگ، ئۆزى خان ھالدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ئەمما، بىرقانچە سائەتتىن كېيىن تېنىنىڭ ئالدى ئۇچىدىن تەدرىجىي تۈردە بىر ئۆسۈندە چىقىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق باشقا جىسىملارغا يېپىشىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇيرۇقى تەدرىجىي يىگلەپ، ئاخىر يوقىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاران بىر نېرۋا تۈگۈنى قالىدۇ. ئاسسىدىيەنىڭ بۇ خىل كىچىكتىن چوڭ بولغۇچە بولغان ھالەت ئۆزگەرتىشى تەدرىجىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىئولوگىيىدە بۇ خىل ھادىسە تەتۈر ھالەت ئۆزگەرتىش دەپ ئاتىلىدۇ.
بىئولوگىيە
قۇيرۇق خوردىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى، ئاسسىدىيە سىنىپى. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى چۆگۈنگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، چۆگۈن ئاغزى سۇ كىرىش سىفونى، چۆگۈننىڭ جوغىسى بولسا، سۇ چىقىش سىفونىدىن ئىبارەت. چۆگۈن تەكتى تېنىنىڭ ئاساسى بولۇپ، دېڭىزدىكى قىياتاش، دېڭىز يۈسۈنلىرى، قۇلۇلە قاپچۇقلىرى، كېمە تەكتى قاتارلىق جايلارغا يېپىشىپ مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. بەدەن سىرتى يىرىك، پۇختا يېپىنچا خالتىغا قاپلانغان، كۆپىنچە قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. سۇ كىرىش سىفونىنىڭ ھەزىم قىلىش نېيىگە كىرىدىغان ئالدىنقى ئۇچى يۇتقۇنچاق قىسمى دېيىلىدۇ. يۇتقۇنچاق دىۋارىدىكى تۆشۈكچىلەردىن نۇرغۇنلىغان جۈپ ژابرا يېرىقچىلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاسسىدىيە شۇ ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. يۇتقۇنچاق قىسمى ئەتراپىدا بىر ژابرا ئەتراپى بوشلۇقى بولۇپ، ژابرا يېرىقچىلىرىدىن چىققان سۇلارنى يىغىپ، سۇ چىقىش سىفونى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. نېرۋا سىستېمىسى رودىمېنتلىشىپ پەقەت ئىككى سىفون ئارىلىقىدا بىر نېرۋا تۈگۈنى قالغان. ئاشقازان يېنىدا يۈرەك دېيىلىدىغان بىر تۈزۈلۈش بولۇپ، قان ئايلىنىشى ئوچۇق شەكىللىك قان ئايلىنىشقا كىرىدۇ. بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ، جىنسلىق كۆپىيىشمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قوش جىنسلىق، لېكىن سپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىر ۋاقىتتا يېپىشمايدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئۆزىدىن ئۇرۇقلىنىش يۈز بەرمەيدۇ. يۇمران ۋاقىتتىكى شەكلى قۇمچاققا ئوخشاش. قۇيرۇقى تەرەققىي قىلغان، ئىچىدە خوردا ۋە دۈمبە نېرۋا نەيچىسى بولىدۇ. يۇتقۇنچاق قىسمىدا جۈپ - جۈپ ژابرا يېرىقچىلىرى بولىدۇ. تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ ئېغىز تەرىپى ئارقىلىق باشقا جىسىملارغا چاپلىشىدۇ. قۇيرۇق قىسمى بارا - بارا قورۇلىدۇ، نېرۋا نەيچىسى، خوردىسى يوقىلىپ تەن شەكلى تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ. مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. بۇنداق ھالەت ئۆزگەرتىش تەتۈر ھالەت ئۆزگەرتىش دېيىلىدۇ. دېڭىز - ئوكيانلار ياكى قىيا تاشلارغا ماكانلاشقان. سىرتقى پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.