Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسار تۆرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«ئاسار - تۆرە» ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇم، مەھەللە - جامائەت ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇيۇشۇپ، بىرەر كىشىنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ، ئۆي - جاي سېلىش، دېھقانچىلىق قاتارلىق ئۆزى يېتىشىپ بولالمايدىغان ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ھەرىكەت.