Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاساسسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېتەرلىك ئاساسى بولمىغان، دەلىللەر بىلەن مۇستەھكەملەنمىگەن، ئىسپاتلانمىغان، ئىسپاتسىز.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۈلكە بۆرىگە ئۇچراپ: - ئۆچكىلەر قىلچە ئاساسسىزلا نامىڭىزغا تىل تەگكۈزىشىدۇ، - دەپتۇ.
سەۋەبسىز، مەقسەتسىز.
مېنى ھەم ۋاقتىنچە تاشلاپ قويغىنى ئەمەسكەن ئاساسسىز ھەمدە سەۋەبسىز. بۇ دېمەك ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنى ئەمما، ئۈمىدمۇ گۈللىمەس ئەجىرسىز - تەرسىز.
زۆرۈرىيىتى يوق، قۇرۇق؛ ھاجەتسىز.
لېكىن سەمەت بۇ ئەندىشىنى ئاساسسىز دەپ ھېسابلايتتى.