Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاساجۇدا جىرو
دۇنيا تارىخى
(1898 - 1960) ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. توكيو مىياكىجىمالىق. ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1925-يىلىدىن باشلاپ دېھقان ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ شۇجىسى، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەشكىلات بۇجاڭى، سوتسىيال خەلق پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. 1936-يىلدىن باشلاپ ئارقىمۇئارقا توققۇز قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئازالىقىغا سايلانغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، تەشكىلات بۇجاڭىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1948-يىلى شۇجىلىققا سايلانغان. 1951-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1955-يىلى ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن سول قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قوشۇلغاندا يەنە شۇجى بولغان. 1960-يىلى ۋېييۈەنجاڭلىققا سايلانغان. 1957-يىلى ۋە 1959-يىلى ئىككى قېتىم سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئاكتىپ ھالدا ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ياپونىيە - جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1960-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى توكيو رىبىگو باغچىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئەسكىيەتچىل كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئوڭ قانات ياش ياماگوچى نىكو تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.