Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسانتى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ئاسانتى بىرلەشمىسىگەتاجاۇۋز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيە گانانىڭ دېڭىز بويىلىرى رايونىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. 1805-يىلى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىكى ئاسسىن قەبىلىسىنىڭ ئىككى باشلىقى فانتى قەبىلىسىگە قېچىپ بارغاندا، فانتى قەبىلىسى ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. 1806-يىلى فانتى ئابورا جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئاسانتى ئارمىيىسى پورت ۋىللىيامدا جەڭ قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، فانتىنىڭ ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1821-يىلى ئەنگلىيە يەنە ئۇرۇش قوزغىغان، باش ۋالىي مكارت مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 1826-يىلى يەنە ئۇرۇش پارتلىغان، ئاسانتى ئارمىيىسى كاتامەنسو دېگەن جايدا مەغلۇپ بولغان. 1831-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈپ، فانتى، ئاسسىن قەبىلىرى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 1873-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئاسانتىنى <فومىننا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، دېڭىز بويىلىر رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى پايتەخت كۇماسنى بېسىۋالغان، ئاسانتى بىرلەشمىسى تارقىتىۋېتىلگەن. 1901-يىلى ئاسانتىۋا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.