Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسانتېۋا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئاسانتېلارنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا ئېدۋېسو بەگلىكىنىڭ شاھ سانىيىسى ئاسانتېۋا (؟ - 1921) رەھبەرلىك قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتېنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئاسانتېلارنى مىللىي ئىرادە ۋە ئالىي نوپۇزنىڭ سىموۋلى بولغان ئالتۇن تەختىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، 1900-يىلى 4-ئايدا باشلانغان ئەنگلىيىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەرلىك بەگلىكلەردىن ئېدۋېسو، ئوفىنسۇ، ئاتۋۇما، ئاخافا، ئادانسى، نكۋانتا قاتارلىقلار قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار كۇماسنى قورشىۋالغان. 6-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دېڭىز قىرغىقى تۇمشۇقىغا قېچىپ كەتكەن. 7-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى كۆپەيتىپ كوماسىدا كەسكىن جەڭ قىلغان. 10-ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتكەن 1901-يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. ئاسانتېۋا قاتارلىق يولباشچىلار سېيشېل تاقىم ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلنغان. 1902-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاسانتې ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.