Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاسانتى ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿散蒂战争
ā sàn dì zhàn zhēng
ئەنگلىيە ئاسانتى بىرلەشمىسىگەتاجاۇۋز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيە گانانىڭ دېڭىز بويىلىرى رايونىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. 1805-يىلى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىكى ئاسسىن قەبىلىسىنىڭ ئىككى باشلىقى فانتى قەبىلىسىگە قېچىپ بارغاندا، فانتى قەبىلىسى ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش كېلىپ چىققان. 1806-يىلى فانتى ئابورا جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئاسانتى ئارمىيىسى پورت ۋىللىيامدا جەڭ قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، فانتىنىڭ ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1821-يىلى ئەنگلىيە يەنە ئۇرۇش قوزغىغان، باش ۋالىي مكارت مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 1826-يىلى يەنە ئۇرۇش پارتلىغان، ئاسانتى ئارمىيىسى كاتامەنسو دېگەن جايدا مەغلۇپ بولغان. 1831-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈپ، فانتى، ئاسسىن قەبىلىرى ئاسانتى بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 1873-يىلى ئەنگلىيە ئاسانتىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئاسانتىنى <فومىننا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، دېڭىز بويىلىر رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى پايتەخت كۇماسنى بېسىۋالغان، ئاسانتى بىرلەشمىسى تارقىتىۋېتىلگەن. 1901-يىلى ئاسانتىۋا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.