Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىتا كرايگى كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
«ئەنگلىيە - ياپونىيە دەسلەپكى كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ياپونىيە بىلەن مۇرەسسەلەشكەن كېلىشىم. 1939-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيە بىر خائىننىڭ ئەنگلىيە ئىجارە زېمىنىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە ئىجارە زېمىنىنى قورشىۋېلىپ، ئەنگلىيىنى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە ئىجارە زېمىنىنى قورشىۋېلىپ، ئەنگلىيىنى ئۆزىنىڭ «شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى» نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كرايگى (1883 - 1959) بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئارىتا خاچىرو سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 24-كۈنى كېلىشىم ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئەنگلىيە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «ئۆز ئارمىيىسىگە توسالغۇ بولىدىغان ياكى دۈشمەنگە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە ئامىللارنى يوق قىلىش» ھوقۇقى بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش؛ «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرىدىكى مەقسەتكە يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە ياردەم بەرمەسلىك» تىن ئىبارەت. ئىككىنچى يىلى ياپونىيە سىرتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ماددىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەنگلىيىنى يۈننەن - بىرما تاشيولى ۋە شياڭگاڭ چېگرىسىنى بېكىتىۋېتىشكە قىستىغان.