Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىئاس
دۇنيا تارىخى
،(1564 - 1634) پاراگۋاي ھۆكۈمرانى. ھازىرقى پاراگۋايدىكى ئاسۇنسىئوندا تۇغۇلغان. پاراگۋاينىڭ يەرلىك ئاق تەنلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى. 1592-يىلى شەھەر مەمۇرىيىتى كېڭەشمىسى تەرىپىدىن ئاسۇنسىئون شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن ئۈچ قېتىم لاپلاتا شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولغان (1597 - 1599، 1602 - 1609، 1614 - 1918). ھۆكۈمەت قارىمىقىدا مەكتەپ ئاچقان، ئىندىئانلارنى باستۇرۇپ، ئىساپنىيە مۇستەملىكىسىنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن ھەمدە بوئېنۇس - ئايرېسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1617-يىلى ئىسپانىيە خان جەمەتىدىن پاراگۋايدىن لاپلاتانى ئايرىۋېلىشقا ئىگە بولغان ھەمدە ئەيسا جەمئىيىتى ئۈچۈن دىن تارقىتىش رايونى تەسىس قىلىپ بەرگەن.