Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىچى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («ئارا Ⅱ نىڭ 3 -» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «چى» قوشۇلغان).
ئىككى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى كېلىشتۈرگۈچى، ئۇرۇشۇۋاتقانلارنى ئاجراتقۇچى كىشى.
ئارىچىغا ئالتە تاياق (ماقال).
شىۋىلەر
سالاكەش، ۋاسىتىچى، ئارىلاشقۇچى. مەسىلەن: ئارىچىغا ئالتە تاياق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان جېدەل - ماجىراغا ئارىلاشقۇچى، ئارىغا كىرگۈچى كىشى.
ئارىچىغا ئالتە تاياق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئارا ياسايدىغان ۋە ئۇنى ساتىدىغان ئادەم.
بۇ مەھەللىدە بەش ئارىچى ئائىلە بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («ئارا Ⅰ» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «چى» قوشۇلغان).
ئارا ياسايدىغان ياكى ئارا ساتىدىغان كىشى.
مەھەللىمىزدە بىر ئارىچى بار، ئۆزى ئارا ياساپ ئۆزى ساتىدۇ.