Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىغا قىچا چاچماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرمەك، بۇزماق.
ئارىنى بۇزماق. ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق _ دوستلۇق - ئىتتىپاقلىقنى يامانلاشتۇرماق. ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى، ئۆزئارا بىئەق بولۇپ قالسا، ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىمىزغا ئوت ياقتى. بىر ياخشى ئۆتۈۋاتاتتوق، ئۇ كېلىپ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى. ئارىغا تەپرىقە سالىدىغاننى ئارىغا ئالما. ئۇ دۈشمەنلىك قىلىپ، ئارىمىزغا قىچا چاچتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئارىغا سوغۇقچىلىق سالماق، ئاداۋەت پەيدا قىلماق، مۇناسىۋەتنى بۇزماق: - بۆرە ئاكا، مەن سىلىدىن پاكار، بېرىپ ئۇلار ئارىسىغا قىچا چاچاي، جېدەللەشسۇن، بىر - بىرىنى چاقاي، - دەپتۇ تۈلكە ئەقىل كۆرسىتىپ.