Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىلگۈچى، تونىغۇچى، مەرىپەتلىك، دانا، بىلىمدان:
مەقامى ئارىف ھەم ئاشىق ئېدى پاك.
بىمىسىلى ئېردىلەر مانەندى مەنسۇر.
سەدائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىلگۈچى، تونۇغۇچى: ئارىف ئاللاھ - ئاللاھنى تونۇغان كىشى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كىم قەدەم قويسا بۇ يۇلغا پاي تا پەرقى كۆيەر، ئارىفى بىللا ئۆزۈم دەپئى بالاغامەن باراي. (مەشرەپ)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بىلىمدان، ئەقىللىق، دانا ياكى خۇداگۇي. باشقا شەكىللىرى: ئارىفبەگ، ئارىفباي، ئارىفجان، ئارىفخان.