Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرمەك، بۇزماق.
ئارىنى بۇزماق. ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق _ دوستلۇق - ئىتتىپاقلىقنى يامانلاشتۇرماق. ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى، ئۆزئارا بىئەق بولۇپ قالسا، ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىمىزغا ئوت ياقتى. بىر ياخشى ئۆتۈۋاتاتتۇق، ئۇ كېلىپ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى. ئارىغا تەپرىقە سالىدىغاننى ئارىغا ئالما. ئۇ دۈشمەنلىك قىلىپ، ئارىمىزغا قىچا چاچتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.