Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىستىد
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن تەخمىنەن 530 - 468 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى ۋە سەركەردىسى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. لىسماكنىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پېرسىيىگە قارشى مارافون جېڭىگە قاتنىشىپ، بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان؛ ئىككىنچى يىلى كونسۇل (ئارخون) لىققا سايلانغان. تىمىستوكل بىلەن سىياسىي قارىشى ماس كەلمىگەچكە (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېمە ياساپ دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان) سۈرگۈن قىلىنغان (مىلادىدىن 483 يىل ئىلگىرى)، كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، سالامى دېڭىز ئۇرۇشى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى ئافىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، پلاتې (ئوتتۇرا يۇنان) جېڭىدە پېرسىيىنى مەغلۇپ قىلغان. سىمون بىلەن بىرلىكتە ئېگېي دېڭىزىدا ۋە كىچىك ئاسىيا بويلىرىدا جەڭ قىلىپ، ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن (478 ياكى 477 يىل) ئىلگىرى دېلوس ئىتتىپاقى (بىېرىنچى قېتىملىق ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى) تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغان، ھەر يىلى ئىتتىپاقنىڭ خەزىنىسىگە تەقدىم قىلىنغان ئالتۇن 460 تالانتونغا يېتىپ، «دىيانەتلىك» باشقۇرغۇچى دېگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان. ئافىنا دېموكراتلىرىنىڭ سېناتنىڭ ھوقۇق - كۈچىنى ئاجىزلىتىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئۆلگەن چاغدىمۇ ھېچنېمىسى يوق بولۇپ، «پاك ئادەم» دەپ ئاتالغان