Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاراۋى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
فىلالى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەراكەشتىكى فىلالىلار قۇرغان خاندانلىق. فىلالىلار ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبىستاندىن مەراكەشتىكى تافىلېل بوستانلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. سائادى خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن باش كۆتۈرگەن. 1666-يىلى فېسنى ئىشغال قىلىپ، بۇ خاندانلىققا ئاساس سالغان. 1668-يىلى مەراكەشنى ئىشغال قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. خاندانلىق دەسلەپكى مەزگىلدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە بېسىۋالغان مامۇرانى ۋە ئەنگلىيە بېسىۋالغان تانژېر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1860-يىلى ئىسپانىيە - مەراكەش، ئىسپانىيە تېتوئاننى بېسىۋالغان. 1912-يىلى «فېس شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە تېز پۈككەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەراكەش خەلقى فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنى ئەۋج ئالدۇرغان. 1956-يىلى فرانسىيە مەراكەش مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1957-يىلى دۆلەت نامىنى «مەراكەش پادىشاھلىقى» قا ئۆزگەرتىپ، سۇلتاننى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. 1961-يىلى ھەسەن 2 (1929 - ) تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، خاندانلىقنىڭ 19-ئەۋلاد پادىشاھى بولغان.