Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارامېلار
دۇنيا تارىخى
سەمىتلار (ساملار) نىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن سۈرىيە رايونىغا كىرىپ، تەدرىجىي شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، «سۈرىيىلىكلەر» دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇلار ئېفرات دەرياسى ئارىلىقىدا بىت ئادىنى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە ئۇلار ئاسسۇرىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 1000 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا فىنىكلاردىن ئېلىپبەلىك يېزىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ۋە سودا - سېتىق جەريانىدا بۇ يېزىقنى غەربىي ئاسىيادىكى جايلارغا تارقاتقان. بۇ يېزىق ھەتتا ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە تارقالغان؛ بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە ئارامې تىلى غەربىي ئاسىيادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان تىلغا ئايلاغان ھەمدە زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. ئارمېلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قانچە دۆلەت قۇرغان. ئاساسلىقى دەمەشق پادىشاھلىقى (پەلەستىننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، مىلادىدىن 732 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كېيىن بىر قىسىم ئارامېلار باشقا مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقى سۈرىيە، ئىراق ۋە تاشقى كاپكاز قاتارلىق جايلاردا ئارامېلارنىڭ ئەۋلادلىرى بار.