Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاربات ئۇچرىشىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يەكەن خانلىقى سۇلتان سەييىدخان بىلەن تۇرپان سۇلتانلىقىدىكى مەنسۇرخان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكەنكى گۇمانلارنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ تىنچ بىللە ئۆتۈش توغرىسىدىكى ئۇچرىشىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار ئاكا - ئۇكا بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم توقۇنۇشتى. كېيىن سۇلتان سەئىدخان يەكەن خانلىقىنى قۇرۇپ، مەنسۇرغا ئەلچى ئەۋەتىپ يارىشىش توغرىسىدا كېڭەشتى. ئىككى تەرەپ 1516 - يىلى ئاقسۇ بىلەن كۇشەن ئارىلىقىدا ئاربات تۈزلەڭلىكىدە كۆرۈشتى. كۆرۈشكەندە سۇلتان سەييىدخان مەنسۇرخانغا بويسۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە قۇتبە ئوقۇغاندا قۇتبىغا مەنسۇرنىڭ نامىنى قوشۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئاكا - ئۇكىلار ياخشىلىشىپ، ئىككى خانلىق 20 يىل تىنچ بىللە ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر قۇمۇلدىن ئەنجانغا بېرىشقا ھېچقانداق باج تاپشۇرمايدىغان، سەپەر ئۈستىدە خاتىرجەم بولىدىغان بولدى.