Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئانتونى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئالدىنقى مەزگىلدىكى رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ئۈچىنچى خاندانلىقى (96 - 192-يىللار). رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ فىلاۋىي خاندانلىقىدىن كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. خاندانلىقنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەربابلىرى ئانتونى پىئو بىلەن مارك ئاۋرېلىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى ئانتونى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خاندانلىق مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تەشەببۇس قىلغان، قانۇنشۇناسلار ئىمپېراتورنىڭ ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنى ئاقلاپ كەلگەن. رىتسارلار بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى ھەربىي مەمۇرىي ئورگانلارغا قويۇپ، بيۇروكراتلىق ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىنى كېڭەيتكەن. سىرتقا قارىتا، دەسلەپ زور كۈچ بىلەن زېمىنىنى كېڭەيتىپ كەلگەن، تىراجان مەزگىلدىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ دائىرىگە يەتكۈزۈلگەن، شەرقتە مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن تارتىپ غەربىي برىتانىيىگىچە، جەنۇبتا شىمالىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىقىچە، شىمالىي رېين ۋە دوناي دەرياسى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھادىرىئان مەزگىلىدە چېگرىنى قوغداش سىياسىتىنى قوللىنىپ، پەلەستىدنىكى يەھسۇدىيلار قوزغىلىڭى (132 - 135-يىللىرى) نى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. ماك ئاۋرېلى مەزگىلىگە كەلگەندە كۆپ يىللىق ئۇرۇش قىلىش بىلەن <ۋارۋار> لارىڭ بېسىپ كىرىشىنى توسۇۋالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. خرىستىئانلارنى باستۇرۇش ۋە دىنىي مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش سىياستىنى يولغاق قويغان. ئىتالىيىنىڭ ئىگىلىكىدە تۇرغۇنلۇق ئالامەتلىرى بارلىققا كەلگەن. بىراق غەربىي قىسىمىدىكى ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىك ۋەت سودا - سانائەت ئىشلىرى راۋاجلىنىپ بارغان. ئىتالىيە بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يوللار، سۇ تۇرۇبىلىرى ياسالغان ۋە باشقا ئەسلىھەلەر سېلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خاربىلىرى ھېلىمۇ ساقلانغان. ئانتونى خاندانلىقى رىم ئىمپېرىيىىسنىڭ روناق تاپقان دەۋرى، جۈملىدىن نىسپىي مۇقىم دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن رىم قۇللۇق تۈزۈمى جەمئىيىتى كرىزىس باسقۇچىغا قەدەم قويغان. بۇ خاندانلىق دەۋرىدە جەمئىيىتى كرىزىس باسقۇچىغا دەم قويغان. بۇ خاندانلىق دەۋرىدە جەمئىي يەتتە ئىمپېراتور ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ بۇلار: نېرۋا (96 - 98 - يىللىرى) تىراجان (98 - 117-يىللىرى)، ھادرىئان (171 - 138 ـ يىللرى)، ئانتونى پىئۇ (138 -611- يىللىرى)، لۇسىيوس ئاۋرېلۇس (161 -169-يىللىرى ئاۋرېلۇ بىلەن بىرگە باشقۇرغان)، كوممودۇس (180 - 192 - يىللىرى) دىن ئىبارەت.