Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئانتىتېلا
بىئولوگىيە
ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى B لىمفا ھۈجەيرىسى ئانتىگېن تەرىپىدىن غىدىقلانغاندىن كېيىن بىرىكتۈرىدىغان ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل. ئانتىتېلا بىلەن ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل بىر مەنىدىكى ئاتالغۇ. ئانتىتېلا تەن سىرتىدا ماس ھالدىكى ئانتىگېن بىلەن ئالاھىدە بىرىكىپ كۆرگىلى بولىدىغان رېئاكسىيىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيىدىن پايدىلىنىپ ئانتىگېن تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەلىككە دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تەن ئىچىدە، ئانتىتېلا كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار بىلەن ماس ھالدا بىرىكىدۇ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولىدۇ، بۇ ئورگانىزم ئۈچۈن پايدىلىق. ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلانىڭ بىرىكىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بىراق غەيرىي نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلا بىرىكىپ يەنە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى ۋە ئىممۇنىتېت كېسەللىكى قاتارلىقلار.