Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامېن ئاساسىي خارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئانارخو سىندىكالىزم پروگراممىسى. 1906-يىلى 10-ئايدا فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئامېن قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي نىزامدا پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان رەھبەرلىكى ئاشكارا ئىنكار قىلىنىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (ئىشچىلار ئۆمىكى) لا ئىشچىلار تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش يولىدىكى كۈرىشىگە قارشى تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتتا ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقى (ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار) نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادىي ئىش تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئىشچىلارنىڭ <ئۈزۈل - كېسىل ئازادلىقىنى> ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. يەنە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى كاپىتالغا قارشى تۇرىدىغان تەشكىلاتتىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىماتىغا ھەمدە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاساسىي نىزامدا ئانارخو سىندىكالىزمنىڭ پروگرامما ۋە تاكتىكىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.