Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئانائۇ مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېڭى تاش قورال ۋە برونزا دەۋر مەدەنىيىتى. دەسلەپ ئاشخاباد ئەتراپىدىكى ئانائۇدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، غەربىي ئاسىيا بىلەن ئالاقىدار بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى ۋ ئىككىنچى دەۋرى يېڭى تاش قورال دەۋرى بىلەن مىس - تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋرى بولۇپ، ئالاھەزەل مىلادىدىن 3000 - 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى تاش قوراللارنى ئاساس قىلغان، ئاخىرقى دەۋرىدە تۇچ قوراللار ۋە رەڭلىك ساپال قاچىلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان، ماترىئاخاللىق جەمئىيىتىگە مەنسۇپ. ئۈچىنچى دەۋرى - برونزا قراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئالاھەزەل مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىركى يىللار ئەتراپىدىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ، تىپىك خارابە نامازگادىكى ئاھالە ئولتۇراقلاشقان خارابلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا سۇغىرلىدىغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان. مېتال ئېرىتىش بىلەن ساپال قاچا ياساش قول سانائىتى بۆلۈنۈپ چىققان، جەمئىيەت پاترىئارخال ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە قاراپ ئۆتۈۋاتقان دەۋرى؛ تۆتىنچى دەۋرى بولسا دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ.