Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قېقىش پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان بىر قاتار پەرمانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامېرىكا غەربىي قىسمىنى ئاچىدىغان چاغدا تەخمىنەن يۈز مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئىشچى كېلىپ، تۆمۈريول ياساش ۋە كان ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينىغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، غەربىي قىسمىنى ئېچىش دەسلەپكى كۆلەمگە يەتكەندە، ھۆكۈمەت چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشىنى چەكلەشكە باشلىغان. 1880 - 1913 - يىللىرى ئارىلىقىدا كۆچمەنلەر نىزامىدىن بىر نەچچە خىلى ئېلان قىلىنپ، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرگە (ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ) ئىرق ۋە مال - مۈلۈك جەھەتتىكى پەرق بويىچە مۇئامىلە قىلغان. بەك قاتتىق جەڭ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ غەربىدە جۇڭگولۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە چەتكە قېقىش ھەرىكىتى بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. 1924-يىلى ۋە 1930-يىلى كۆچمەنلەرگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن. 1952-يىلى بۇ پەرمانلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان <مېكالىن - ۋالدو قانۇنى> بارلىققا كەلگەنىدى.