Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قېقىش پەرمانى
دۇنيا تارىخى
美国排斥华工法令
měi guó pái chì huá gōng fǎ lìng
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان بىر قاتار پەرمانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامېرىكا غەربىي قىسمىنى ئاچىدىغان چاغدا تەخمىنەن يۈز مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئىشچى كېلىپ، تۆمۈريول ياساش ۋە كان ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينىغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، غەربىي قىسمىنى ئېچىش دەسلەپكى كۆلەمگە يەتكەندە، ھۆكۈمەت چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشىنى چەكلەشكە باشلىغان. 1880 - 1913-يىللىرى ئارىلىقىدا كۆچمەنلەر نىزامىدىن بىر نەچچە خىلى ئېلان قىلىنپ، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرگە (ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ) ئىرق ۋە مال - مۈلۈك جەھەتتىكى پەرق بويىچە مۇئامىلە قىلغان. بەك قاتتىق جەڭ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ غەربىدە جۇڭگولۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە چەتكە قېقىش ھەرىكىتى بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. 1924-يىلى ۋە 1930-يىلى كۆچمەنلەرگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمىلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن. 1952-يىلى بۇ پەرمانلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان <مېكالىن - ۋالدو قانۇنى> بارلىققا كەلگەنىدى.