Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالتۇنشاخ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالتۇن + شاخ
ئىسىم
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق رەڭدە بولۇپ، كۈزدە ئېچىلىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە سېرىق رەڭ بوياق ئايرىشقا ۋە دورا ياساشقا بولىدۇ. دورىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ. ئىسسىقلىق، زەھەر ۋە ئىششىق قايتۇرىدۇ. گال ئاغرىقى، زۇكامدىن قىزىش ۋە يارا - جاراھەت قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالتۇن رەڭگىدە سارغىيىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرىلىق ئۆسۈملۈك .