Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالتۇن راۋاق
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ موروماچى دەۋرىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ھازىرقى كيوتۇ شەھىرىنىڭ لۇيۈەن ئىبادەتخانسىنىڭ ئىچىدە. چوڭ ئاقسۆڭەك سايئون - تېرائى كىتاتايامادىكى چارباغنى ئاشىكاگا يوشىئوغا بەرگەن، ئۇ بۇ جايغا 1973 -يىلى يېڭى داچا سالدۇرغان. تاملىرىغا ئالتۇن قەغەز چاپلانغانلىقتىن ئالتۇن راۋاق دەپ نام بېرىلگەن. قۇرۇلۇش ئۈچ قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى ئامىتا سارىيى، ئىككىنچى قەۋىتى ئاۋالوكتېسىۋارا قەسىرى بولۇپ، ياپون پاسونىدىكى ئولتۇراق بىنا؛ ئۈچىنچى قەۋىتى تاڭ سۇلالىسى پاسونىدىكى بۇددا راۋىقىدىن ئىبارەت. راۋاقنىڭ كەينىدە كىنوگاسا تېغى بولۇپ، ئالدى تەرىپىدە كۆل بار. ئۇ ياپونىيە بىنكارچىلىقىدىكى ئوردا ئاقسۆڭەكلەر مەدەنىيىتى بىلەن دىيانا مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ياسالغان مۇھىم خارابە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1950-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1955-يىلى قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.