Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالتۇن قىرغاق
دۇنيا تارىخى
(1) دېڭىز قىرغىقىنىڭ نامى بولۇپ، ئافرىقىدىكى گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ ۋولتا دەرياسى ئېغىزىدىن تانۇ دەرياسى ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىز ياقىسى رايونىنى كۆرسىتىدۇ. ئالتۇن كان بايلىقى مول بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. (2) ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى گانانىڭ نامى. 1844-يىلى ئەنگلىيە گانانىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بەزى خەلىپىلەرنى شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1874-يىلى ئۆز ئالدىغا ئالتۇن قىرغاق مۇستەملىكىسى قۇرۇپ، باش ۋالىي قويۇپ باشقۇرغان، 1897-يىلى شىمالدىكى رايونلارنى قوشۇۋېلىپ، <شىمال زېمىندىكى ھامىيلىق جاي> قۇرغان. 1896-يىلى ئاسانتې قوشماشتاتىنى بېسىۋالغان. 1902-يىلى ئاسانتې بىلەن شىمالدىكى زېمىنلارنىڭ ئالتۇن قىرغاققا قوشۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئالتۇن قىرغاق باش ۋالىيىسى ئالدىدا مەسئۇل بولىدىغان بىردىن باش مەمۇرىي ئەمەلدار قويغان. 1922-يىلى توگودىكى ئەنگلىيە باشقۇرۇش رايونى ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1957-يىلى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، گانا دەپ ئاتالغان.