Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالېكساندر
مەشھۇر شەخسلەر
مىسىردا ئالېكساندرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر پورت شەھىرى بار، نۇرغۇن ياۋروپالىقلارمۇ ئۆزىگە ئالېكساندر دەپ ئىسىم قويغان، بۇ قەدىمكى يۇناندا ياشاپ ئۆتكەن ئىمپېراتور ئالېكساندر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئالېكساندر (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى356 −323 - يىللار) ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱنىڭ ئوغلى بولۇپ، ياش ۋاقتىدا پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھومېر داستانىدىكى قەھرىمانلارغا چوقۇنغان.16 يېشىدا مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، دبىسلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، ماكېدونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوڭ قانات قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەننىڭ »مۇقەددەس قوشۇنى«غا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئالدىن غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ سول قانات قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملىشىپ، يۇناندىكى شەھەر دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ماكېدونىيىنىڭ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلگەن.
ئالېكساندر20 يېشىدىلا تەختكە ئولتۇرغان بولغاچقا، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشقا بەل باغلىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى334 - يىلى، ئۇ30 مىڭ كىشىلىك پىيادە قوشۇن،5000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ،160 جەڭ كېمىسى بىلەن پېرسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، مال - بىساتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئەسكەرلىرىگە ئىنئام قىلىۋەتكەن. بىر گېنېرال ئۇنىڭدىن ئۆزىگە نېمە قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئۈمىدنى» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمىسىمۇ، ئۇ پېرسىيىنى بويسۇندۇرۇش ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش «ئۈمىدى» بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان. ئۇ نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر زېمىنى ماكېدونىيىدىن50 ھەسسە چوڭ، تارىختا بىر مەھەل تازا گۈللەنگەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇدا ئون يىل توختىماي جەڭ قىلغان. بۇ جەرياندا ئەسكەرلىرى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن تەڭ جەڭ قىلغان، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆپ قېتىم ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەننى يېڭىپ، ئاخىر شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە نىل دەرياسى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىغىچە سوزۇلغان ئالېكساندر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ شەرققە تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۆزى ئىستېلا قىلغان رايونلاردا ئالېكساندرىيە شەھىرىدىن بىرنەچچىنى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە مىسىردىكى ئالېكساندرىيە شەھىرى ھەممىدىن داڭلىق.
ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردا قالايمىقان قىرغىن قىلىپ، سان - ساناقسىز پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان، سان - ساناقسىز ئادەم مال - دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قۇل بولۇپ كەتكەن، نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالغان، قىسقىسى، ئۇ شەرقتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تۈگىمەس بالا - قازا ئېلىپ كەلگەن. لېكىن، ئۇ ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىنى قاپلىغان چوڭ ئىمپېرىيە قۇرغاچقا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى323 - يىلى، ئالېكساندر33 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1) (1777-1825). روسىيە چار پادىشاھى (1801 - 1825). پاۋېل Ⅰ نىڭ ئوغلى، ئوردا سۇيىقەستىگە قاتنىشىپ، دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، لىبېرالىست قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىسلاھات كومىتېتى قۇرۇپ، <ئەركىن دېھقانلار> قانۇنى (پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى قويۇپ بېرىشىگە يول قويۇش) ۋە سودىگەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىگىسىز يەرلەرنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش قانۇنىنى جاكارلىغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەككىز مىنىستىرلىك (قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلار) ۋە گوۋۇيۈەن تەسىس قىلغان. كېيىنكى مەزگىلدە، ئاراكچىيېۋ (1769 - 1834) قا ئىشىنىپ كېتىپ، زوراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ناپولېئوننى مەغلۇپ قىلغان. شۇنداقلا پېرسىيە (1814 - 1813)، تۈركىيە (1806 - 1812) ۋە شۋېتسىيە (1808 - 1809) گە قارشى ئۇرۇش قىلغان. گرۇزىي (1801)، فىنلادىيە (1809)، بېسساربىيە (1812)، ئەزەربەيجان (1813) نى قورشۇۋالغان. ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ كېيىن مۇقەددەس ئىتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. (2) (1876 - 1903). سېربىيە پادىشاھى (1889 - 1903). 13 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان. 1893-يىلى ياش - قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، بۇرژۇئا رادىكاللىرىىدن تەركىب تاپقان نائىب ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەالىرىنى قولغا ئالغان. 1894-يىلى 1889 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، 1869-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1901-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇننى جاكارلاپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى بەلگىلەپ چىققان. تەختتىكى مەزگىلدە، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە قالايمىقانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، سىرتقا نىسبەتەن، ئاۋسترىيىگە يېقىن بولۇش فاڭجېنىنى يولغا قويغان، 1903-يىلى 6-ئايدا رادىكاللار بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ ئوفىتسېرى تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. (3) (1893 - 1920)، گرېتسىيە پادىشاھى (1917 - 1920). دادىسى كونستانتىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن يېقىن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قوغلىۋېتىلىپ، ئالېكساندر تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەر باش ۋەزىر ۋېنىزېلوسقا باغلىق بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1845 - 1894) روسىيە چار پادىشاھى (1881 - 1894). دادىسى ئالېكساندر Ⅱ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، ئوخرانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان <تەخت مۇھاپىزەتچىسى> دەپ لەقەم ئالغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، جان بېشى سېلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۆلىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان؛ لېكىن كېيىن يەنە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. يەرلىك ئاپتونومىيە ئىدارىسى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى باشقۇرۇش چوڭ چوقۇقىنى ئۇلارغا تۇتقۇزغان. خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى ۋە مىللىي كەمىستىشنى يولغا قويۇپ، يەھۇدىيلارنى ئاياغ ئاستى قىلغان. بالقاننى تالىشىپ، گېرمانىيە بىلەن كەسكىن زىتلىشىپ، گېرمانىيىنى چەكلەش، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئاخىر روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. (1891 - 1893).
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1431 - 1503) رىم پاپاسى (1492 - 1503). ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورگىيە. 1456-يىلى كاردىنال بولغان ۋە زور مىقداردىكى دىنىي مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان. كېيىن پارا بېرىپ پاپا بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، 1493-يىلى پەند - نەسىھەت جاكارلاپ، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىگە مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى چېگرا سىزىقى (<پاپا مېرىدىئانى> غا قارالسۇن) بەلگىلەپ بەرگەن. 1494-يىلى، ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن فرانسىيە كورۇلى كارل Ⅷ نى قوشۇنىنى چېكىندۇرۇپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1497-يىلى فلورېنسىيە پۇقرالىرى قوزغىلىڭىنىڭ رھبىرى - ساۋونارولانى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى گېسارېنىڭ روماگنا (پاپا دۆلىتى ئىچىدىكى راۋېننانى مەركەز قىلغان رايون) نى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنى قوللىغان. ۋاتىكاننىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پارا بېرىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، تارىختا ئەڭ نومۇسسىز پاپالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
دۇنيا تارىخى
(1806 - 1858). سېربىيكىنەزى (1842 - 1858) 1804 - 1813 - يىللىرىدىكى سېربىيە قوزغىلىڭى رەھبىرى قارا - گېئوگېنىڭ ئوغلى. 1842-يىلى ۋۇچىچ (1790 - 1859) سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تەختكە چىقىرىلغان، ۋۇچىچ ئولىگارخ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورالى بولغان. ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1858-يىلى خەلق پارالامېنتى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.