Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالېكساندر نېۋىسكى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1220 - 1263). نوۋگورود كىنەزى (1236 - 1251)، ۋلادېمىر كىنەزى (1252 - 1263)، ئەلسى ئىسمى ئالېكساندر ياروسلاۋىچ. كىنەز بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن كىنەزنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چوڭ فېئوداللارنىڭ زومىگەرلىكىنى بېسىپ، دېھقانلار ۋە نامراتلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان. 1240-يىلى 7-ئايدا لەشكەر باشلاپ چىقىپ، نېۋا دەرياسىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان شۋېتسىيە لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكتىن، <نېۋىسكى> (نېۋا دەرياسنىڭ پادىشاھى دېگەن مەنىدە) دېگەن ھۆرمەت نام بىلەن ئاتالغان. 1242-يىلى باھاردا، جايلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، چۇد كۆلىنىڭ مۇزى ئۈستىدە بولغان كەسكىن جەڭدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېرمانىيە تيوتون رىنسارلار پولكىنى تارمار قىلىپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان پىسكوۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسقان. باش كىنەز ئورنىغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇقىم سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن تىنچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن روسىيىنىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال زېمىنىنى ئاستا - ئاستا بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە غەربىي شىمالدىن كەلگەن ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1263-يىلى تۆتىنچى قېتىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېرىپ قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قارا قىلغان.