Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئالېكساندر
دائىرە: دۇنيا تارىخى亚历山大六世
yà lì shān dà liù shì
(تەخمىنەن 1431 - 1503) رىم پاپاسى (1492 - 1503). ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورگىيە. 1456-يىلى كاردىنال بولغان ۋە زور مىقداردىكى دىنىي مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان. كېيىن پارا بېرىپ پاپا بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، 1493-يىلى پەند - نەسىھەت جاكارلاپ، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىگە مۇستەملىكە تەسىر دائىرىسى چېگرا سىزىقى (<پاپا مېرىدىئانى> غا قارالسۇن) بەلگىلەپ بەرگەن. 1494-يىلى، ئىتالىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن فرانسىيە كورۇلى كارل Ⅷ نى قوشۇنىنى چېكىندۇرۇپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1497-يىلى فلورېنسىيە پۇقرالىرى قوزغىلىڭىنىڭ رھبىرى - ساۋونارولانى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى گېسارېنىڭ روماگنا (پاپا دۆلىتى ئىچىدىكى راۋېننانى مەركەز قىلغان راون) نى بىۋاسىتە كونترول قىلىشنى قوللىغان. ۋاتىكاننىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پارا بېرىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، تارىختا ئەڭ نومۇسسىز پاپالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى亚历山大三世
yà lì shān dà sān shì
1845 - 1894( روسىيە چار پادىشاھى )1881 - 1894(. دادىسى ئالېكساندر Ⅱ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، ئوخرانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان <تەخت مۇھاپىزەتچىسى> دەپ لەقەم ئالغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، جان بېشى سېلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۆلىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان؛ لېكىن كېيىن يەنە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. يەرلىك ئاپتونومىيە ئىدارىسى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى باشقۇرۇش چوڭ چوقۇقىنى ئۇلارغا تۇتقۇزغان. خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى ۋە مىللىي كەمىستىشنى يولغا قويۇپ، يەھۇدىيلارنى ئاياغ ئاستى قىلغان. بالقاننى تالىشىپ، گېرمانىيە بىلەن كەسكىن زىتلىشىپ، گېرمانىيىنى چەكلەش، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئاخىر روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. )1891 - 1893(.
دائىرە: دۇنيا تارىخى亚历山大
yà lì shān dà
)1806 - 1858(. سېربىيكىنەزى )1842 - 1858( 1804 - 1813 - يىللىرىدىكى سېربىيە قوزغىلىڭى رەھبىرى قارا - گېئوگېنىڭ ئوغلى. 1842-يىلى ۋۇچىچ )1790 - 1859( سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تەختكە چىقىرىلغان، ۋۇچىچ ئولىگارخ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورالى بولغان. ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1858-يىلى خەلق پارالامېنتى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.