Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1879-يىلى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئىستانبولدا قۇرغان سىياسىي تەشكىلات. قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەخپىي پائالىيەتە كۆچۈپ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك مەركىزىگە ئايلانغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ساماى فراشېرى، نائىم فرانشېرى، ج. ۋرېتو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1884-يىلى 8-ئايدائىستانبولدا ئالبانىيە تىلىدىكى <دېلتا> (<نۇر>) قەرەللىك ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، 1887-يىلى ئۇنىڭ نامىنى <دىتورىيە> (<بىلىم>) گە ئۆزگەرتكەن. بۇ ژۇرنال مىللىي ئازادلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان تەربىيە قورالىغا ئايلانغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت نامىنى ئالبانىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، داۋملىق مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ۋەتەنەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.