Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالبانىيە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىلىپ ئالبانىيىنىڭ ئويغىنىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردە ئالبانىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قوللىنىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان مىللىي ھەرىكەت. 1844-يىلى نائۇم سىكىلوخارتز تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان. 1864-يىلى كونىستانتىن كرىستوۋورىئا تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئالبانىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، سىناق تەرىقىسىدە مەكتەپ ئاچقان ھەمدە ئالبان تىلىدا يېڭى دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىققان. 1879-يىلى ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك مەركىزى بولۇپ قالغان. 1884-يىلى 8-ئايدا تۇنجى قېتىم ئالبان تىلىدا <دېلتا> (<نۇر>) ئايلىق ژۇرنىلى نەشر قىلىنغان. مەتبۇئات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سامى فراشېرى، ئاپتور فراشېرى، ج. ۋېتو، نائىم فراشېرى ۋە ئاندون چاجۇپى قاتارلىق ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئالبان تىلىدا بىر قىسىم دەرسلىك كىتاب، شېئىرلار توپلىمى، سەھنە ئەسەرلىرى، پۋېست قاتارلىقلارنى يازغان ھەمدە بەزى گېزىت - ژورناللارنى نەشر قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىلەن گرېتسىيە چېركاۋى كۈرەش قىلىۋاتقان چاغدا، 1887-يىلى كورچا دېگەن جايدا ئالبانىيە بويىچە تۇنجى مىللىي مەكتەپ تەسىس قىلىنغان، باشقا رايونلاردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەكتەپ قۇرۇلغان. رومىنىيە، بۇلغارىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئالبانىيە مۇھاجىرلىرى رايونلىرىدىمۇ ئالبانىيە مەدەنىيەت ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان. مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئالبانىيە مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشقان.