Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالبانىيىنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز قىرىق ئۈچىنچى يىلىدىكى ئومۇمىي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئالبانىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوزغىلىڭى. تۈركلەر 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، 15 - ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىغا كەلگەندە ئالبانىيىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بېسىۋالغان. 1443-يىلى 11-ئايدا، ئالبانىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئىسكەندەربېي 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، پاراسەتلىك ۋە باتۇرلۇق بىلەن تۈركىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىدىن كرۇجە قورۇلىنى تارتىۋېلىپ، ئومۇمىي قوزغىلاڭنى باشلىغان. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسكەندەر - بېي ئەركىن ئالبانىيە كىنەزلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. خەلق ئاممىسى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ گېرتسوگلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، تۈركلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 12-ئايغا ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بېسىپ ياتقان تۈركىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي تازىلىغان. 1444-يىلى 3-ئايدا ئالبانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، تۈركىيىگە قارشى كۈرەش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن.