Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاياغ ئاستى قىلماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئانىي تېپىپ، كۆزگە ئىلماي خارلىماق، ئەزمەك.
ئىززەتلىمەك، ھۆرمەتلىمەك، باشتا كۆتۈرمەك، ئالقىنىدا كۆتۈرمەك
ئىززەتلىك - ھۆرمەتلىك ھېسابلاپ قەدىرلىمەك.
ئىززەتلىگەنگە تەزىم قىل. ھۆرمەتلىگەننى ھۆرمەتلە. كىشىنى خورلىغان ئاخىر ئۆزى خورلۇق تارتىدۇ. خورلىغانغا خار بولما. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز. خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى باشتا كۆتۈرسەك ئەرزىيدۇ. بىز ئۇنى ئالقىنىمىزدا كۆتۈرىمىز، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلار جازالىنىشى كېرەك. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلغانىدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقىلارنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ خارلىماق، زىيانكەشلىك قىلماق؛ دەپسەندە قىلىماق: بەگ ئۆز ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ قىز - چوكانلارنى ئاياغ ئاستى قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باشقىلارنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ خارلىماق، زىيانكەشلىك قىلماق، دەپسەندە قىلماق.
بەگ ئۆز ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ قىز - چوكانلارنى ئاياغ ئاستى قىلدى.