Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاياز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئوچۇق ھاۋا، ئايدىڭ.
كېچىنىڭ سوغۇقى.
كۆچمە م: ئادىللىق.
سەيد بى پەرۋا يۈرۈرگە شەھبازى بولماسا،
مەملەكەت ۋەيران بولۇر شاھنىڭ ئايازى بولماسا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ساپ، تىنىق، ئوچۇق، تازا؛ قۇرۇق سوغۇق، ئاچچىق سوغۇق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سەيد بىپەرۋا يۈرۈر گەر شەھبازى بولماسا، مەملىكەت ۋەيران بولۇر شاھنىڭ ئايازى بولماسا. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت پەسىلنىڭ بىرى، باھار بىلەن كۈزنىڭ ئارىسىدا، ئىسسىق پەسىل.
<ئاياز> كىتابىي سۆز، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۇچرايدۇ.
ھورۇننىڭ ئېتى يازدىمۇ كۆتۈرەم. يازنىڭ ئوزۇقىنى تىلىگۈچە ئاپتىپىنى تىلە. يامغۇرلۇق ئاياز كۈزدىن بەتتەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇق سوغۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قەھرىتان قىش پەسلى، قىش.
ئاقتى ئەگىز، كەلدى كۆكلەم، كەتتى ئاياز، تۇرنىلارمۇ توي تارتىشىپ قىلدى پەرۋاز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قىش پەسىلى؛ سوغۇققان، ئېغىر بېسىق كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قىش پەسلى؛ سوغۇققان، ئېغىر بېسىق كىشى. باشقا شەكىللىرى: ئايازباي، ئايازبەگ.